ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپ تەرەپ ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىنى دۇنيا ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتتى، دەپ تەنقىد قىلدى

مەنبەسى:     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-12 10:34
كۆپ تەرەپ ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى زور ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كېلىپ، دۇنيا سودىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋىتىدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ، دېدى.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىقتىساد مىنىستىرلىرى ئالاھىدە يىغىنى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى ئېنىقسىزلىق ۋە زور خىرىس ئېلىپ كېلىپ، رايون ھەمدە يەر شارى سودىسى، مەبلەغ سېلىش ۋە تەمىنات زەنجىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر شارى كارخانىلىرى ۋە ئىستېمالچىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون 4-ئاينىڭ 11-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ قىسمەن تاموژنا بېجى سىياسىتىنى تەڭشىشى پەقەت بىر «ئاجىز ۋاقىتلىق توختىتىش»، ياۋروپا چوقۇم داۋاملىق سۆھبەتلىشىپ ئادىل بولمىغان تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ھەمدە قوللىنىشقا بولىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى قوغدىشى، ئۆز مەنپەئەتىنى قەتىي قوغدىشى كېرەك.
ۋېنېزۇئېلانىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى رودرىگىس 4-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا «مىسلى كۆرۈلمىگەن يەر شارى سودا ئۇرۇشى» ئارقىلىق دۇنيانى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنسا، چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.
ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقى، دېموكراتلار پارتىيەسىدىن شاپىرو 4-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىدىكى ھېلى ئۇنداق، ھېلى بۇنداق ئۆزگىرىشى كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ، بۇنداق يۈز يىلدىن بۇيانقى  ئەڭ يۇقىرى تاموژنا بېجى تېخىمۇ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ياخشى كۆرىدىغان شياڭجياۋنى پېنسىلۋانىيەدە كەڭ كۆلەمدە تېرىغىلى بولمايدۇ، پەقەت ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى سەۋەبىدىن باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى.
ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئالتە خىل ئاساسلىق پۇلغا بولغان ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنى ئۆلچەيدىغان دوللار كۆرسەتكۈچى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى  %0.76چۈشۈپ، پېرېۋوت بازىرىنىڭ ئاخىرقى بازىرى 100.102 بىلەن بازار يېپىلدى.
ئامېرىكا مىچگان داشۆسى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكىنىڭ 4-ئايدىكى ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنىڭ دەسلەپكى قىممىتىنىڭ 50.8 بولۇپ، 3-ئايدىكى ئاخىرقى قىممەت 57دىن تۆۋەن بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆپ تەرەپ ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىنى دۇنيا ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتتى، دەپ تەنقىد قىلدى

كۆپ تەرەپ ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىنى دۇنيا ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتتى، دەپ تەنقىد قىلدى