ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇتىن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇردى، ئۇكرائىنا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئاز دېگەندە 10 يۈرۈش «ۋەتەنپەرۋەر» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-12 10:44
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى  كەچتە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى ۋىتكوف بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى مۇرەسسە قىلىش مەسىلىسى بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ يادرولۇق تېمىسى بولۇپ قالدى، سۆھبەت تەخمىنەن تۆت سائەت داۋاملاشتى. رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف 4-ئاينىڭ 11-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۇتىننىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىشى نەزەرىيە جەھەتتىن مۇمكىن.
ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋاشىنگتونغا يېتىپ بېرىپ، ئامېرىكا-ئۇكرائىنا كان مەھسۇلاتلىرى كېلىشىمى توغرىسىدا داۋاملىق سۆھبەتلەشتى. ئۇكرائىنا ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەت شۇ كۈنى باشلىنىپ، ئىككى كۈن داۋاملىشىدىكەن، ئاساسلىق مەزمۇنى تېخنىكىلىق مەسىلىلەر بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قاتناشمايدىكەن. ئاق ساراي سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى بىلەن تەمىنلىمىدى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترلىقى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە داۋاملىق ئۆز ئالدىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇكرائىنا بۇنىڭغا ۋاقتىنچە ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 10 يۈرۈش «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى 
 
中央广播电视总台 央广网 版权所有