ۋىيېتنام، مالايسىيا، كامبودژانىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكى ئەربابلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى قىزغىن كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ۋىيېتنام، مالايسىيا، كامبودژانىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكى زاتلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى قىزغىن كۈتۈۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ جۇڭگو بىلەن ئۈچ دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋىيېتنامنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى پېي چىڭشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىغا توغرا كەلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، 2025-يىلى ۋىيېتنام-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا ۋىيېتنام-جۇڭگو ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى، ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ناھايىتى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقىل، ئالەم قاتنىشى پەن تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيانى قايىل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ۋىيېتنامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ۋىيېتنام-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى يېڭى ئابىدە بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ۋىيېتنامنىڭ ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى، ھۆكۈمەتنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى لى دېڭيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنىڭ ۋىيېتنامنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو بىلەن باشقا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك، چوڭ شەھەرلەردىلا ئەمەس، جۇڭگونىڭ كىچىك شەھەر-بازارلىرىدىمۇ ئاپتوماتلاشتۇرۇش ۋە ماشىنا ئادەم تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشىنى كۆردۈم، مەن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنىڭ ۋىيېتنامنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
2025-يىلى مالايسىيا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ۋە جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرغۇچى دۆلەت بولىدۇ. مالايسىيانىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مالايسىيانىڭ قاتناش-خەۋەرلىشىش مىنىستىرى فامى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشى مالايسىيا ئۈچۈن زور شەرەپ. بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئەلئارا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەلگۈسى ھەمكارلىق بوشلۇقىنى يەنىمۇ ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو مالايسىيانىڭ مۇھىم سودا ھەمراھى، مالايسىيا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى، ئىككى تەرەپ نۇرغۇن مەزمۇنلاردا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرسا بولىدۇ.
كامبودژانىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكى زاتلار، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ كامبودژا بىلەن جۇڭگونىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كامبودژا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەرەققىيات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شەيمونىلې مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى، كامبودژا بىلەن جۇڭگونىڭ بىرلىكتە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كامبودژا خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو ئۆزىنىڭ تېخنىكىسى ۋە تەجرىبىسى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ كامبودژا بىلەن جۇڭگونىڭ يېقىن دوستلۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىنى، شۇنداقلا يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









