ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا، غەززە رايونىدا 63 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى ياكى يوقاپ كەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-05-29 16:23

5-ئاينىڭ 28-كۈنى، بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 600-كۈنى، غەززە رايونىدىكى تاراتقۇ ئىشخانىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن بۇيان، بۇ رايوندا قازا قىلغان ۋە يوقاپ كەتكەنلەر 63000 دىن ئاشقان. بۇ ئىشخانا 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى رافا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش نۇقتىسى ئەتراپىدا ئوت ئېچىپ 10 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 62 ئادەم يارىلاندى.
جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فۇ سۇڭ 5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى ئاشكارا يىغىنىدا سۆز قىلىپ، غەززەدە ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى پەسەيتىش قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا دەپ تەكىتلىدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى كالاس 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى قاتتىق تەنقىدلىدى، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەددىدىن زىيادە قورال كۈچى ئىشلىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىغا «چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ» دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇپ: خەلق ئىشلىرى ئۇل ئەسلىھەلىرىگە داۋاملىق زەربە بېرىشنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ»، دېدى. چىلى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ دىپلوماتىيە، ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا، غەززە رايونىدا 63 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى ياكى يوقاپ كەتتى

5-ئاينىڭ 28-كۈنى، بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 600-كۈنى، غەززە رايونىدىكى تاراتقۇ ئىشخانىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە،