رۇسىيە: رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك سۆھبىتى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، دېدى. ئۇكرائىنا: رۇسىيە ئۇرۇش توختىتىشقا ئالاقىدار ھۆججەت تاپشۇردى
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 5-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ بىۋاسىتە سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى نۆۋەتلىك سۆھبەت 6-ئاينىڭ 2-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇ چاغدا رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ياردەمچىسى مېكىنسكى باشچىلىقىدىكى رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇكرائىناغا ئەسلەتمىنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ ھەمدە زۆرۈر ئىزاھات بېرىدۇ. لاۋروف 5-ئاينىڭ 28-كۈنى يەنە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رۇبىئو بىلەن تېلېفونلىشىپ، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك رۇسىيە-ئۇكرائىنا بىۋاسىتە سۆھبىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇمېروف 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكرائىنا رۇسىيەگە ئۇرۇش توختىتىش ھۆججىتى تاپشۇردى، رۇسىيە ئۇكرائىناغا «ئەسلەتمە» تاپشۇرمىدى. ئۇكرائىنا ئومۇميۈزلۈك شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشقا تەييارلىق قىلىپ بولدى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر بىرىگە كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قوزغىدى. رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن ئۇكرائىنا ئارمىيەسى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى: 24 سائەت ئىچىدە بىر بىرىنىڭ نۇرغۇن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت