ئامېرىكا نارازىلىق ئەرزى سوتى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئەسلىگە كەلتۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-05-30 10:25
ئامېرىكا قوشما ئىشتات نارازىلىق ئەرزى سەييارە سوت مەھكىمىسى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلاپ، ئامېرىكا خەلقئارا سودا سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى چىقارغان ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «خەلقئارا جىددىي ئىقتىسادىي ھوقۇق قانۇنى» غا ئاساسەن كۆپ دۆلەتكە تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش تەدبىرىنى ئىجرا قىلىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى مەمۇرىي بۇيرۇقىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويدى.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان تۈزىتىلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى پەسىلدە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىللىق نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا %0.2 تۆۋەنلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېنىقسىزلىقنىڭ داۋاملىق ئاشقانلىقى، كارخانا ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى روشەن ئىپادىلەنگەن.
تۈزىتىلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە،1-پەسىلدىكى ساپ ئېكسپورتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىغا بولغان يۈكى 4.9 پوئېنت بولۇپ، دەسلەپكى مۆلچەر قىممىتىنىڭ 4.83 پوئېنتىدىن سەل ئاشقان. بۇ كارخانىلارنىڭ كەلگۈسىدە تاموژنا بېجىنىڭ ئۆرلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئامبار زاپىسىنى زور كۆلەمدە ئاشۇرۇپ، شۇ پەسىلدىكى ئىمپورتنىڭ تېز ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ چىقىمى %4.6 ئازىيىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا 0.3 پوئىنت تەسىر كۆرسەتكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئىقتىساد ئانالىز ئىدارىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ بىرىنچى پەسىلدە ئامبار زاپىسى مۆلچەر قىممىتى ۋە كاپىتال سەرپىياتى تەڭشەلگەندىن كېيىنكى شۇ مەزگىللىك ئىشلەپچىقىرىش پايدىسى 118 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلىگەن.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى