ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يېڭىدىن 22 مەھەللە قۇرۇشنى تەستىقلىدى، قۇسەي قوراللىقلىرى ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بېن گۇرىئان ئايرودۇرۇمىغا زەربە بەردۇق، دېدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-05-30 14:13
ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يېڭىدىن 22 مەھەللە قۇرۇشنى تەستىقلىغان، بۇ پىلان ئىلگىرى چېكىنىپ چىققان رايونلاردا مەھەللە سېلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمدە ئىئوردانىيەگە يېقىن شەرقىي رايوندا يېڭىدىن تۆت مەھەللە سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەلەستىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى:بۇ قىلمىش بۇ رايوننى داۋاملىق «زوراۋانلىق ۋە مۇقىمسىزلىق دەۋرىيلىكى»گە سۆرەپ كىرىدۇ، دېدى.
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىسرائىلىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىگە قوشۇلىدۇ، ئەمما خاماسنىڭ ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ، شۇڭا خاماسنى تەلتۆكۈس يوقاتقۇچە غەززەگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىمىز، دېدى. خاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ لايىھەگە قايتۇرغان ئىنكاسى ماھىيەتتە ئۆزىنىڭ غەززەدىكى ئىشغالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، قىرغىنچىلىق ۋە ئاچارچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، دېدى.
يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بېن گۇرىئان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ھەربىي زەربە بېرىپ، نىشانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تەگكۈزدۇق ھەمدە ئايرودۇرۇمدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنى ئۈزۈپ قويدۇق، نۇرغۇن كىشىلەر پاناھلىنىش ئورنىغا باردى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى سەل كەچرەك يەمەندىن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسقانلىقىنى جاكارلىدى. قۇسەي قوراللىقلىرى بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئالاقىدار ھەرىكىتىگە قايتۇرغان ئىنكاس، بۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن تېخىمۇ كۆپ قارشى تەدبىر قوللىنىمىز، دېدى.
قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى شۇ كۈنى كەچتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇشۇ ھەپتە ئىسرائىلىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا ھەربىي زەربە بېرىمىز، ئىسرائىلىيەنىڭ سانا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى قۇسەينىڭ پەلەستىن خەلقىنى قوللايدىغان ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشىنى توسۇپ قالالمايدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى