رۇسىيە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يەتتە دۆلەت گۇرۇھىدىن ئېشىپ كەتتى، دېدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-05-30 14:15
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 5-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇنداق دېدى: ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچتىن قارىغاندا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يەتتە دۆلەت گۇرۇھىدىن ئېشىپ كەتتى ھەمدە بۇ خىل پەرق يىلدىن-يىلغا چوڭىيىۋاتىدۇ، غەرب ئەللىرى ياۋروپا-ئاتلانتىك ئوكيان بىخەتەرلىك ئەندىزىسىنى ئۆزلىرى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، غەرب ئەللىرى رۇسىيەنىڭ ئەتراپىدا ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرىدىكى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، موسكۋا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىمالىي قۇتۇپنى ھەربىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتىگە دىققەت قىلماقتا.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى