ئېلون ماسك «ئالاھىدە ھۆكۈمەت خادىم»لىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-05-30 14:20
ئامېرىكا ئاق سارىيى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى تىرامپنىڭ كابىنېت ئەزالىرى ھەر قايسى قوشما ئىشتات ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئۈنۈمى مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىلىق كارخانىچى، ھۆكۈمەت ئۈنۈمى مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى ئېلون ماسك 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆزىنىڭ «ئالاھىدە ھۆكۈمەت خادىم»لىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى