ئامېرىكىدا 4-ئايدا شەخسىي ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئېشىشى ئاستىلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-05-31 10:07
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 4-ئايدىكى شەخسىي ئىستېمال چىقىمى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئېشىپ، 3-ئايدىكى %0.7 تىن كۆرۈنەرلىك ئاستىلىغان. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكىنىڭ شەخسىي ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئاستىلىشى ئاساسلىقى تاموژنا بېجى سىياسىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادنىڭ ئېنىقسىزلىقىنىڭ ئاشقانلىقى، ئائىلىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇل ئامانەت قويۇشقا مايىل بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 4-ئايدىكى شەخسىي ئىستېمال چىقىمى باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.1 ئاشقان، يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيەنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى يادرولۇق شەخسىي ئىستېمال چىقىمى باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.1 ئاشقان. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 4-ئايدا شەخسىي ئىستېمال چىقىمى باھا كۆرسەتكۈچى %2.1، يادرولۇق شەخسىي ئىستېمال چىقىمى باھا كۆرسەتكۈچى %2.5 ئۆرلەپ، يەنىلا ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس كومىتېتىنىڭ %2 لىك ئۇزۇن مۇددەتلىك پۇل پاخاللىقى نىشانىدىن سەل يۇقىرى بولغان.
بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە، ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار نۇرغۇن ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئىقتىسادقا بولغان يوشۇرۇن تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىر پەسىللىك ئىستېمال چىقىمى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كاسات سەۋىيەدە تۇرغان. گەرچە ئىمپورت تاۋارلىرىنىڭ تاموژنا بېجىنىڭ ئۆسۈشى تاۋار باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدە تېخى كەڭ كۆلەمدە ئىپادىلەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسى تۆۋەنلەپ، شەخسىي مالىيە ئىستىقبالىنىڭ مۆلچەرىمۇ تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل