رۇسىيە 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇكرائىنا بىلەن 2-قېتىملىق سۆھبەتنى باشلايمىز، دېدى، ئۇكرائىنا پۈتۈنلەي ۋە شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشقا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-05-31 10:09
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف 5-ئاينىڭ 30-كۈنى رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە بارىدىغانلىقىنى ھەمدە شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇكرائىنا بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى، ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتىسىنىڭ پۈتۈنلەي ۋە شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇندىن باشقا، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 5-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فىدان بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كېيىنكى نۆۋەتلىك رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ بىۋاسىتە ئىككى تەرەپلىك سۆھبىتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشتى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل