ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۇرىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى نۇرغۇن نىشانلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى

مەنبەسى:     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-05-31 10:10
مۇخبىرنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە ئىگىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۇرىيەنىڭ غەربىدىكى نۇرغۇن نىشانلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ سۇرىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى دەلىللىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش نىشانى سۇرىيەنىڭ لاتاقىيە رايونىدا ھەربى پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇلغان قورال ئامبىرى، ئالاقىدار باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار «خەلقئارا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى»گە تەھدىت پەيدا قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە شۇ جايدىكى ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى. سۇرىيە بۇنىڭغا ھازىرچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۇرىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى نۇرغۇن نىشانلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۇرىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى نۇرغۇن نىشانلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى