ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئامېرىكا ئىمپورت قىلغان پولات-ئاليۇمىندىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى %50 ئۆستۈرىمىز، دېدى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئامېرىكا ئىمپورت قىلغان پولات-ئاليۇمىندىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى %50 ئۆستۈرىمىز، دېدى، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ۋە قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ يېقىندا ئامېرىكا ئىمپورت قىلغان پولات-ئاليۇمىندىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى ھازىرقى %25 تىن %50 كە ئۆستۈرىمىز، دېدى، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ۋە قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى بىر باياناتىدا قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى قارشى تەدبىر قوللىنىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، دېدى. باياناتتا: ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى يەر شارى ئىقتىسادىغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى ھەمدە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئىستېمالچىلار ۋە كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋەتتى شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش لايىھەسىنى ھاسىل قىلىش تىرىشچانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق سالدى، دەپ ھېسابلاندى.
كانادا كەسپى ساھەسىمۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ پولات- ئاليومىندىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش پىلانىغا كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كانادا ئەمگەكچىلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى بېيا بروسىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ترامپنىڭ ئامېرىكا ئىمپورت قىلغان پولات-ئاليۇمىندىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلىشى «كاناداغا قىلىنغان يەنە بىر قېتىملىق بىۋاسىتە ھۇجۇم»، شۇنداقلا «كانادا ئىقتىسادىغا زەربە پەيدا قىلىدىغان قارام ھەرىكەت». كانادا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئەيىبلەپ، بۇ قارار شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىگە پايدىسىز، دېدى.
ئاۋسترالىيەنىڭ سودا مىنىستىرى فارېل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاۋسترالىيە ئامېرىكىنىڭ ئۇسۇلىغا كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىقتىسادنى زەربىگە ئۇچرىتىش قىلمىشى بولۇپ، ئادىل سودىغا تايىنىدىغان كارخانىلار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت