رۇسىيە-ئۇكرائىنا 2-نۆۋەتلىك بىۋاسىتە سۆھبىتى ئاخىرلاشتى، ئىككى تەرەپ ئۇرۇشتا قازا قىلغان ئەسكەرلەرنىڭ جەسىتىنى ئالماشتۇرۇشقا قوشۇلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-03 14:04
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئىككى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى 2-نۆۋەتلىك بىۋاسىتە سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇردى.
رۇسىيە سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى مېكىنسكىي مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئالدىنقى سەپتىكى قىسمەن رايونلاردا ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە ئۇرۇش توختىتىپ، قازا قىلغان ئەسكەرلەرنىڭ جەسىتىنى ئالماشتۇرۇشقا قوشۇلدى، ئۇكرائىنا تېزدىن تەتقىق قىلىپ لايىھە تۈزۈشكە ۋەدە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە كېلەر ھەپتە ئۇكرائىناغا قازا قىلغان 6000 ئەسكەرنىڭ جەسىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مېكىنسكى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئېغىر يارىلانغان ئەسكەرلەرنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن داۋالاش كومىتېتى قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئېغىر يارىلانغان ئەسكەرلەر «ھەممىسىنى تولۇق ئالماشتۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى تەرەپ 25 ياشتىن تۆۋەن ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلەرنى ئالماشتۇرىدۇ، ئاز دېگەندە 1000دىن ئالماشتۇرىدۇ، كونكرېت ئادەم سانى تېخى بېكىتىلمىدى.
ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئۇمېروف مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا توقۇنۇش مەزگىلىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، ئىككى تەرەپ يارىلانغان ئەسىرلەر ۋە قازا قىلغان ئەسكەرلەرنىڭ جەسىتى قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرىدۇ.
تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان 6-ئاينىڭ 2-كۈنى رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرى قاتناشقان باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەردى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى