ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيان ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-03 14:06
سودا توقۇنۇشى ئامېرىكا كارخانا ساھەسى ۋە كەسپىي زاتلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىغا غايەت زور ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كەلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى كىرىس ۋاللېر 6-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاموژنا بېجى سىياسىتى ئامېرىكا پۇل پاخاللىقىنى ئاشۇرۋېتىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ پۇل پاخاللىقىغا بولغان تەسىرى بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەڭ روشەن ئىپادىلىنىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا ئىقتىساد تەتقىقات ئورگىنى «دۇنيادىكى چوڭ كارخانىلار بىرلەشمىسى» يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 2025-يىلى 2-پەسىلدىكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى بۇندىن ئىلگىرىكى 60 نۇقتىدىن 34 نۇقتىغا تۆۋەنلەپ، 2022-يىلى 4-پەسىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن، بۇ ھەم مەزكۇر تەكشۈرۈشنىڭ 1976-يىلى باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سېلىشتۇرما تۆۋەنلەش نىسبىتى ھېسابلىنىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا تەمىنلەشنى باشقۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، ئامېرىكىنىڭ 5-ئايدىكى ياسمىچىلىق سېتىۋېلىش دىرېكتور كۆرسەتكۈچى %48.5 بولۇپ، 4-ئايدىكى %48.7تىن تۆۋەن بولغان.
ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى قوشما ئىشتات نارازىلىق ئەرزى سوت مەھكىمىسىدىن كولومبىيە ئالاھىدە رايونى قوشما ئىشتات رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىنى «قانۇنغا خىلاپ» دەپ كېسىم چىقىرىش بۇيرۇقىنى توسۇشنى تەلەپ قىلدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى كولومبىيە ئالاھىدە رايونى قوشما ئىشتات رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «خەلقئارا جىددىي ئىقتىسادىي ھوقۇق قانۇنى» غا ئاساسەن كۆپ دۆلەتتىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش تەدبىرى توغرىسىدا دەسلەپكى قەدەمدە چەكلەش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى. بۇ كېسىم ئامېرىكىدىكى ئىككى كىچىك كارخانىنىڭ 4-ئاينىڭ 22-كۈنى قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن قىلغان دەۋاسىغا قارىتىلغان.
كورېيە سانائەت، سودا، بايلىق مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى پولات-تۆمۈر، ئاليۇمىن كەسپى ۋەكىللىرىنى چاقىرىپ جىددىي يىغىن ئېچىپ، ئامېرىكىنىڭ پولات-تۆمۈر، ئاليۇمىن تاموژنا بېجىنى ھەسسىلەپ ئېلىشىغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا كېڭەشتى.
گېرمانىيە سالتزگىت پولات تۆمۈر شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇنداق دېدى: گەرچە بۇ شىركەتنىڭ ئامېرىكا بازىرىدىكى بىۋاسىتە پولات تۆمۈر كەسپىنىڭ كۆلىمى چەكلىك بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ «تۇتۇرۇقسىز» تاموژنا بېجى سىياسىتى ياۋروپانىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتتى، بولۇپمۇ گېرمانىيە ياسىمىچىلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى قارار قىلغان سودىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى