ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كورېيەنىڭ 21-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا رەسمىي ئاۋاز بېرىش باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-03 14:08
كورېيەنىڭ 21-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 6دە رەسمىي ئاۋاز بېرىش باشلاندى.
بۇ نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا جەمئىي يەتتە نامزات سايلامغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى سايلامدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان، ئاخىرىدا بەش نامزات رىقابەتكە قاتناشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئورتاق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لى جېمىيۇڭ، خەلق كۈچى پارتىيەسىنىڭ نامزاتى كىم مونسو، ئىسلاھات يېڭى پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لى جۈنسوك قىزىق نۇقتا نامزاتلىرى ھېسابلىنىدۇ.
كورېيە ئاممىۋى پىكىرى بۇ نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى يېرىم كېچىدە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدى. كورېيە مەركىزىي سايلام باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ قېتىمقى سايلامدا بېلەت ھېسابلاش شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 6 ئەتراپىدا ئاخىرلىشىدىكەن.


تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كورېيەنىڭ 21-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا رەسمىي ئاۋاز بېرىش باشلاندى

كورېيەنىڭ 21-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا رەسمىي ئاۋاز بېرىش باشلاندى