ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى جەميۇڭ كورىيە زۇڭتۇڭلىقىغا سايلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-04 12:09

كورېيە مەركىزىي سايلام باشقۇرۇش كومىتېتى بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردە ئېلان قىلغان بېلەت ھېسابلاش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئورتاق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لى جەميۇڭ 21-نۆۋەتلىك كورېيە زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان. كورېيە مەركىزىي سايلام باشقۇرۇش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، چوڭ سايلامدا ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى، لى جەميۇڭنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى رەسمىي باشلاندى.
بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 4 تىن 3 مىنۇت ئۆتكەندە، كورىيەنىڭ 21-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا بېلەت ھېسابلاش خىزمىتى ئاخىرلاشتى. بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئورتاق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لى جەميۇڭ %49.42، خەلق كۈچى پارتىيەسىنىڭ نامزاتى كىم مونسۇ %41.15، ئىسلاھات يېڭى پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لى زۇنسوك %8.34 ئاۋازغا ئېرىشكەن.
لى جەميۇڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن سايلامدا ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ قىلغان سۆزىدە، مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ ئادا قىلىپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كورىيە-چاۋشيەن سۆزلىشىشى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كورىيەدە بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. لى جەميۇڭ 1964-يىلى كيوڭساڭبۇكدودا تۇغۇلغان، كيوڭكىدو ئۆلكىسى سوڭنام شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋە كيوڭكىدو ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 2022-يىلى 3-ئايدا لى جەميۇڭ 20-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىپ، ئاجىز ئۈستۈنلۈك بىلەن يون سوكيولغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. بۇ يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنى كورىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى زۇڭتۇڭ يون سوكيولنى ئەيىبلەشنى ماقۇللىدى،  يون سوكيول زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. كورىيە قانۇنىغا ئاساسەن، كورىيە 60 كۈن ئىچىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت

سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى جەميۇڭ كورىيە زۇڭتۇڭلىقىغا سايلاندى

كورېيە مەركىزىي سايلام باشقۇرۇش كومىتېتى بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردە ئېلان قىلغان بېلەت ھېسابلاش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئورتاق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لى جەميۇڭ 21-نۆۋەتلىك كورېيە زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان.