ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە ئىككى كۆۋرۈكنىڭ پارتلىشىنى ئۇكرائىنا كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېدى. ئۇكرائىنا قىرىم چوڭ كۆۋرۈكىگە ئۈچىنچى ھۇجۇم قىلىمىز، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-04 12:10

رۇسىيە رازۋېدكا كومىتېتى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيەنىڭ بريانسك ئوبلاستى بىلەن كۇرسك ئوبلاستىدا يېقىندا يۈز بەرگەن كۆۋرۈك پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئۇكرائىنا كەلتۈرۈپ چىقارغان. روسىيە رازۋېدكا كومىتېتى مۇنداق دېدى: دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق تېررورچىلارنىڭ ئوكرائىنانىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ھۇجۇمنى ئىنچىكە پىلانلىغانلىقىنى بايقىدۇق. بىز پارتلىتىش قۇرۇلمىسى زاپچاسلىرى ۋە باشقا ماددىي ئىسپاتلارنى قولغا چۈشۈردۇق.
رۇسىيە رازۋېدكا كومىتېتى ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ بېكىتتى، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يەتتە ئادەم قازا قىلدى، بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 113 ئادەم يارىلاندى. رۇسىيە رازۋېدكا كومىتېتى رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن ۋەقەنى تەشكىللىگۈچى ھەم سادىر قىلغۇچىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنى قانۇن بويىچە جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ھەرىكەت قوللىنىپ قىرىم كۆۋرۈكىگە سۇ ئاستى ھۇجۇمى قىلدى. رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى شۇ كۈنى قىرىمدا پارتلىتىش قۇرۇلمىسى ياسىغان بىر ئۇكرائىنا ئالاھىدە خادىمىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى: ئۇكرائىنا ئالاھىدە ھەرىكەت قوزغاپ قىرىم چوڭ كۆۋرۈكىگە سۇ ئاستى ھۇجۇمى قىلىپ، چوڭ كۆۋرۈكنىڭ سۇ ئاستى قۇرۇلمىسىنىڭ تېگىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دېدى. شۇ كۈنى قىرىم چوڭ كۆۋرۈكىدە قاتناش ئىككى قېتىم ۋاقتىنچە توختىتىلدى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە ئىككى كۆۋرۈكنىڭ پارتلىشىنى ئۇكرائىنا كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېدى. ئۇكرائىنا قىرىم چوڭ كۆۋرۈكىگە ئۈچىنچى ھۇجۇم قىلىمىز، دېدى

رۇسىيە رازۋېدكا كومىتېتى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيەنىڭ بريانسك ئوبلاستى بىلەن كۇرسك ئوبلاستىدا يېقىندا يۈز بەرگەن كۆۋرۈك پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئۇكرائىنا كەلتۈرۈپ چىقارغان.