ئىسرائىلىيە لىۋان پايتەختىنىڭ جەنۇبىغا 20 نەچچە قېتىم ھۇجۇم قوزغىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-06 12:38
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ئەتراپى رايونىغا 15 قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى ۋە ئالتە قېتىم كۈرەشچى ئايروپىلان ھۇجۇمى قوزغىدى. لىۋان ئارمىيەسى شۇ كۈنى كەچتە ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئارقىلىق ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان جاينى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ئەتراپىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشىنى توسماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. لىۋان زۇڭتۇڭى ئائون شۇ كۈنى كەچتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بېيرۇتقا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
شۇ كۈنى كەچتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىغا چېكىنىش بۇيرۇقى چىقىرىپ، بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى جېنجۇداڭنىڭ بىر قانچە يەر ئاستى ئەسلىھەلىرىگە ناھايىتى تېزلا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار لايىھەسىنىڭ رەت قىلىنىشى سەۋەبىدىن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى تارقىتىشقا ئامالسىز قالغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئالجىرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرىگە ۋاكالىتەن ئوتتۇرىغا قويغان غەززەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويغان ئىدى. 14 دۆلەت قوللاپ ئاۋاز بەردى، ئەمما دائىمىي ئەزا دۆلەت ئامېرىكا قارشى تۇرغانلىقتىن، بۇ قارار بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىنىپ، ماقۇللانمىدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى