ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئاھالىلەرگە چېكىنىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى، غەززەدىكى ئامما ماددىي ئەشيا تارقىتىش نۇقتىسى ئەتراپىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ سەككىز ئادەم قازا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-07 11:24
 ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تۆت ئەسكەر شۇ كۈنى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خانيۇنۇستىكى ھەرىكەتتە قازا قىلدى، يەنە نۇرغۇن ئەسكەر يارىلاندى، دېدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى غەززەدە ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشنى تەستىقلىدى.
شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، غەززەنىڭ شىمالىدىكى بىر قىسىم كوچىلاردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ تېزدىن بۇ رايوندىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا:«بۇ ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇنقى سىگنال»، «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى راكېتا بومبا قويۇپ بېرىشكە ئىشلىتىلىدىغان ھەر قانداق رايونغا ھۇجۇم قىلىدۇ» دېيىلدى. ئۇقتۇرۇشتا يۇقىرىقى ئۇرۇش رايونىغا قايتسا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى.
پەلەستىننىڭ غەززەدىكى تاراتقۇ ئىشخانىسى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رافا شەھىرىدىكى «غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك فوندى جەمئىيىتى» تەسىس قىلغان ياردەم ماددىي ئەشيالىرى تارقىتىش نۇقتىسى ئەتراپىدا غەززەلىك سەككىز پۇقرا ماددىي ئەشيالارنى ئالماقچى بولغاندا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە ئامېرىكا ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلدى، يەنە 61 ئادەم يارىلاندى، دېدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا «غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك فوندى جەمئىيىتى» غەززەنىڭ جەنۇبىدا تەسىس قىلغان ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىش نۇقتىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەمئىي 110 غەززە پۇقراسى ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىش نۇقتىسى ئەتراپىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى، 583 ئادەم يارىلاندى. باياناتتا ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى»نى نىقاب قىلىپ، ياردەم ماددىي ئەشيالىرىنى قورال قىلىپ، غەززە خەلقىگە ئۆلۈم قىلتىقى قۇرغانلىقى ئەيىبلەندى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى
 
中央广播电视总台 央广网 版权所有