رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئوق-دورا ئىسكىلاتى قاتارلىق ھەربىي سانائەت ئەسلىھەلىرىگە دەل زەربە بەردۇق، دېدى، ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ بىر مۇھىم نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى، دېدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى سەھەردە، رۇسىيە ئارمىيەسى يىراق مۇساپىلىق ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى قوراللار ۋە ئادەمسىز ئايروپىلان بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي سانائەت كارخانىسى، ھۇجۇم تىپىدىكى ئادەمسىز ئايروپىلاننى قۇراشتۇرۇش سېخى، قورال-جابدۇقلارنى رېمونت قىلىش تېخنىكا كاپالەت نۇقتىسى ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئوق-دورا ئامبىرىغا مەركەزلىك زەربە بەردى. روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بېكىتىلگەن بارلىق نىشانلارنىڭ نىشانغا تەگكەنلىكىنى، زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ تاماملانغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى. ئۇكرائىنا بۇنىڭغا ۋاقتىنچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.
ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى ساختا ئۇچۇرغا قارشى تۇرۇش مەركىزى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى: روسىيە لۇك نېفىت شىركىتىنىڭ بىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، دېدى. بۇ نېفىت شىركىتى رۇسىيەنىڭ يېقىلغۇ كەسپىدىكى ئاچقۇچلۇق مۈلۈكنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسلىقى رۇسىيە ئارمىيەسىنى ئاۋىياتسىيە، بىرونېۋىك ۋە ئارقا سەپ يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. روسىيە بۇ ھەقتە ھازىرچە چۈشەنچە بەرمىدى.
روسىيە قوراللىق كۈچلىرى باش شىتاب باش ئىدارىسى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇنداق دېدى: ئوكرائىنا ئەسلىدە بۈگۈن ئۆتكۈزىلىدىغان ئەسىر ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنى جەزىملەشتۈرمىدى ھەمدە مۇددەتسىز كېچىكتۈردى، رۇسىيە يەنە ئۇكرائىناغا 640 ئالاھىدە ئەسىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىزىملىكنى تاپشۇردى، لېكىن ئۇكرائىنا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتى ۋە رۇسىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان ئادەم سانىنى ۋاقتىنچە بېكىتمىدى. رۇسىيە ئىستانبۇلدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئادا قىلىشقا تولۇق تەييارلىنىپ بولدى، بارلىق جەسەتنى ئۆتكۈزۈپ بەرسە ھەمدە بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ.
ئۇكرائىنا ئەسىرلەرگە مۇئامىلە قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش باش شىتابى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى: روسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشنى كېچىكتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى سۆزى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، شۇنداقلا ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش ۋە جەسەتنى قايتۇرۇپ كېلىش كېلىشىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دېدى. ئۇكرائىنا ئېنىق بولغان ئالماشتۇرۇش تىزىملىكىنى تاپشۇردى، بۇ تىزىملىكلەر ئىستانبۇلدا كېڭىشىپ بېكىتكەن تۈرگە ئاساسەن تۈزۈلگەن. روسىيە كېڭىشىپ بېكىتكەن باشقا ئۇسۇل بىلەن ماس كەلمەيدىغان تىزىملىكنى تاپشۇردى. ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ شۇ كۈنى ئۇكرائىنا ئۇرۇش ئەسىرلىرىنىڭ تەمىناتىنى ماسلاشتۇرۇش باش شىتابىنىڭ ۋەكىلى ياچىنكونىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش ئەسىرلىرى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى كېلەر ھەپتىگە كېچىكتۈرۈلگەن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت