ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە مېكسىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلاردىن ٪ 30 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-07-13 10:23

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 7-ئاينىڭ 12-كۈنى: 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە مېكسىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلاردىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ٪ 30 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ترامپ مېكسىكا فېنتانىل قاتارلىقلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى توسۇپ قالالمىدى، ئامېرىكىغا ماسلىشىپ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى توسۇش جەھەتتىمۇ يېتەرلىك بولمىدى؛ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تاموژنا بېجى ۋە غەيرىي تاموژنا بېجى سودا توسۇقى ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان غايەت زور سودا پاسسىپ بالانىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشلا ئەمەس»، دېدى.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن ئارقىدىن مۇنداق دېدى: بۇ ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان مۇھىم تەمىنات زەنجىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى كارخانىلار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى زۆرۈر تېپىلغاندا باراۋەر قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.
فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون 7-ئاينىڭ 12-كۈنى: فىرانسىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئېكسپورت تاۋارلىرىدىن %30 تاموژنا بېجى ئېلىشىغا بىردەك كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ، دېدى.
گېرمانىيەدىكى نۇرغۇن ئاساسلىق ساھە جەمئىيەتلىرى شۇ كۈنى ياۋروپا بۇ تەھدىتتىن قورقۇپ قالماسلىقى كېرەك، دېدى ھەمدە باراۋەر ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئامېرىكىغا تايىنىشنى ئازايتىشنى مۇراجىئەت قىلدى. گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 5-ئايدا گېرمانىيەنىڭ ئېكسپورتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %1.4 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىغا قىلغان ئېكسپورتى %7.7 تۆۋەنلەپ، ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن. شۇ ئايدا گېرمانىيەنىڭ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىش نىسبىتى %10.7 تۆۋەنلىگەن.
مىكسىكا ئامېرىكىنىڭ مىكسىكىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن يېڭىدىن تاموژنا بېجى ئېلىشى «ئادىل بولمىغان مۇئامىلە» دېدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە مېكسىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلاردىن ٪ 30 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 7-ئاينىڭ 12-كۈنى: 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە مېكسىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلاردىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ٪ 30 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.