ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: دونېتسك رايونىدىكى ئىككى كەنتنى كونترول قىلدۇق

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-07-14 17:23

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، رۇسىيە ئارمىيەسى دونېتسك رايونىدىكى كارل ماركس كەنتى بىلەن نىكولايېۋكا كەنتىنى كونترول قىلدى، دېدى.
رۇسىيەنىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: كارل ماركس كەنتىنى كونترول قىلىش رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ دونېتسكنىڭ جەنۇبىغا قاراپ ئىلگىرىلەش جەريانىدىكى يەنە بىر غەلىبىسى. رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرىلىشى ۋە قالغان ئىككى ئاھالىلەر نۇقتىسىنى كونترول قىلىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ دونېتسك رايونىنىڭ جەنۇبىي چېگراسىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىشىدىن ئۈمىد بار.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلىنسكى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى: رۇسىيە ئۇكرائىناغا ئۇدا يەتتە كۈن ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى، دېدى. بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە، رۇسىيە 1800 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، 1200 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 83 ھەر خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاجرىتىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەھەر ۋە مەھەللىلىرىگە ھۇجۇم قىلدى.
ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، بۇ ئىدارىنىڭ شۇ كۈنى ئەتىگەندە كىيېۋ ئوبلاستىدا بىر قېتىملىق ئالاھىدە ھەرىكەت قوزغاپ، يېقىندا بۇ ئىدارىنىڭ شاڭشياۋ خىزمەتچىسىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن رۇسىيەلىك ئىككى جاسوسنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» ئۇكرائىناغا مۇددەتتىن بۇرۇن كىرگەن ھەمدە ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ شاڭشياۋ خىزمەتچىسى ئىۋان ۋورونىچنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن. ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مەخپىي ئاختۇرۇش ۋە جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرى ئارقىلىق، كىيېۋ ئوبلاستىدا رۇسىيە ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ يوشۇرۇنغان جايىنى بايقىغان. قولغا ئېلىش جەريانىدا، ئىككى تەرەپ ئېتىشىشقان، رۇسىيەنىڭ ئىككى جاسوسى ئېتىپ تاشلانغان.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: دونېتسك رايونىدىكى ئىككى كەنتنى كونترول قىلدۇق

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، رۇسىيە ئارمىيەسى دونېتسك رايونىدىكى كارل ماركس كەنتى بىلەن نىكولايېۋكا كەنتىنى كونترول قىلدى، دېدى