ئامېرىكىدىكى 20 ئىشتات تىرامپ ھۆكۈمىتىنى ئەرز قىلىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسى يېتەكچىلىك قىلىدىغان 20 ئىشتات 7-ئاينىڭ 16-كۈنى بوستون قوشما شىتات سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، تىرامپ ھۆكۈمىتىدىن نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
ئەرزنامىدە مۇنداق دېيىلدى: ترامپ ھۆكۈمىتى 4-ئايدا «ئەۋرىشىم ئۇل ئەسلىھە ۋە مەھەللە قۇرۇش» تۈرىنى توختاتتى، بۇ تۈر بۇنىڭدىن ئىلگىرى پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن. بۇ تۈر 2018-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى تۈر مەبلىغى ئارقىلىق پاناھلىنىش ئورنى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تېمى ياسايدۇ ھەمدە يول ۋە كۆۋرۈكلەرنى ئۆزگەرتىدۇ. بۇ تۈرنى توختاتقاندا، ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ تۈر «بايلىقنى ئىسراپ قىلدى ھەمدە سىياسىيلىشىپ كەتتى»،دېدى. 7- ئاينىڭ بېشىدا تېكساس ئىشتاتىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلغان، يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، دېموكراتلار پارتىيەسى ھۆكۈمەتنى كەلكۈن ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا كۈچلۈك بولمىدى دەپ ئەيىبلەپ، زۇڭتۇڭ ترامپنى بۇ تۈرگە پۇل ئاجرىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى









