رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپچاسلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىگە نۇقتىلىق زەربە بەردى، ئۇكرائىنا رۇسىيەگە كېلەر ھەپتە 3-نۆۋەت سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەردى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى ھاۋادىن، قۇرۇقلۇقتىن ۋە دېڭىزدىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى قوراللار ۋە ھۇجۇم تىپىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىپ، ئۇكرائىنا ھەربىي سانائەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىدىكى كارخانىلارغا مەركەزلىك زەربە بەردى، نىشان باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپچاسلىرى ۋە ھۇجۇم تىپىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا قارىتىلغان بولۇپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن نىشانغا زەربە بېرىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا: شۇ كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسى بريانسك ئوبلاستى، موسكۋا ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا ئۇكرائىنانىڭ 51 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى، دېيىلدى.
ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: 7-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتىن باشلاپ، رۇسىيە كۆپ تەرەپتىن 344 دانە ھەر خىل تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە نۇرغۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى. ئۇكرائىنا ئارمىيىسى بۇنىڭ ئىچىدىكى 185 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋىديولۇق سۆز قىلغاندا، رۇسىيە بىلەن ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ كاتىپى ئۇمېروف رۇسىيە تەرەپكە كېلەر ھەپتە كېيىنكى نۆۋەتلىك سۆھبەتنى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئىككى نۆۋەت بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









