سۇرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سۇۋېدا ئۆلكىسىدىكى توقۇنۇشتا تەخمىنەن 176 مىڭ ئادەم سەرگەردان بولۇپ كەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-07-26 11:10
ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، سۇرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سۇۋېدا ئۆلكىسىدە يېقىندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 176 مىڭ ئادەم سەرگەردان بولۇپ، نۇرغۇن خەلق ئاممىسى دەمەشق، دالا ئۆلكىلىرى ۋە يېزا رايونلىرىغا بېرىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان. شۇ كۈنى سۇرىيەنىڭ ئىدلىب ئۆلكىسى ماراتمىس شەھىرىدىكى بىر قورال-ياراق ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىلغان، ئاز دېگەندىمۇ 140 ئادەم يارىلانغان.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى









