رۇسىيە ئۇكرائىنا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمىنىڭ ئالاقىدار ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىغا زەربە بەردۇق، دېدى، ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ چوڭ تىپتىكى سىمسىز تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلدۇق، دېدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۆتكەن بىر كېچە-كۈندۈزدە ئۇكرائىنا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمىنىڭ ئالاقىدار ھەربىي سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى قوراللار بىلەن زەربە بەرگەن، رۇسىيە ئارمىيەسى يەنە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قۇراشتۇرۇش، ساقلاش ئورنى قاتارلىق نىشانلارغا زەربە بەرگەن، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى 257 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەن. روسىيە ئارمىيىسى دونىستىك رايونى ۋە دنېپروپېتروۋسكى ئوبلاستىدىكى ئىككى ئاھالىلەر نۇقتىسىنى كونترول قىلغانلىقىنى ئېيتتى. رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف بۇنىڭدىن ئىلگىرى، رۇسىيە قوراللىق قىسمىنىڭ دنېپروپېتروۋسكى ئوبلاستىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى ئارىلىق رايون قۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ بىر قىسمى، دېگەن.
ئۇكرائىنا خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىكى خەۋەردار ئەربابنىڭ 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئۇكرائىنا خەۋپسىزلىك ئىدارىسى يىراق مۇساپىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق، رۇسىيەنىڭ ستاۋروپول شەھىرىدىكى «سىگنال» زاۋۇتىغا ھۇجۇم قوزغىغان. بۇ زاۋۇت روسىيەدىكى ئەڭ چوڭ سىمسىز تېلېگراف ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش زاۋۇتىنىڭ بىرى. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن 24 سائەتتە پوكروۋسك تەرەپتە 51 قېتىم كەسكىن ئېتىشىش بولغانلىقى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بازىنى چىڭ ساقلاۋاتقانلىقىنى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ سۇمېي ئوبلاستىدا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
تەرجىمان: قۇرباننىسا جاپپار
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









