رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا قارشى تەرەپنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇكرائىنا توقۇنۇشتىن بۇيان 5 مىڭدىن ئارتۇق ئەسىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-07-29 11:13
رۇسىيەنىڭ بريانسك ئوبلاستى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر ئادەم يارىلاندى، پۇقرالار ئاپتوموبىلى زىيانغا ئۇچرىدى. كراسنودار چېگرا رايونى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئۇنىڭدىن باشقا بېلگورود ئىشتاتىنىڭ باشلىقى گرادكوف شۇ كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسى 95 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن بۇ ئىشتاتتىكى 42 مەھەللىگە ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە بىر ئادەم قازا قىلغان، ئىككى ئادەم يارىلانغان.
ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسى 324 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە يەتتە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئۇكرائىناغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى، ھۇجۇمدا سەككىز ئادەم يارىلاندى. كىيېۋ شەھەرلىك ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى شۇ كۈنى كىيېۋ شەھىرىنىڭ شۇ كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 8 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇنداق دېدى: 2022-يىلى 2-ئايدا رۇسىيە- ئۇكرائىنا توقۇنۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن بۇيان، ئۇكرائىنا ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئارقىلىق ئەسىرگە چۈشكەن 5857 كىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتۇرۇپ كەلدى، يەنە 555 كىشى غەيرىي ئالماشتۇرۇش يولى ئارقىلىق قويۇۋېتىلدى. ئىستانبۇل كېلىشىمى رامكىسى ئاستىدا، 1000دىن ئارتۇق ئۇكرائىنا ئەسكىرى ئۇكرائىناغا قايتىپ كەلدى.
رۇسىيە قانۇن ئۇچۇر تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇسكىن يېقىندا، بۇ يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بۇندىن بۇرۇن رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمىگە ئاساسەن تەسىس قىلىنغان 20 چېگرا ئېغىزىنى رەسمىي تاقاش ھەققىدە بۇيرۇق ئىمزالىدى.
ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىنى شۇ كۈنى «ياۋروپا مۇنتىزىم قوراللىق كۈچلەر شەرتنامىسى» نى ئىجرا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش قارارىنى چىقاردى. يىغىن مەزگىلىدە يەنە رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى رامكىسى ئىچىدىكى كۆپ تۈرلۈك خەلقئارا كېلىشىملەرنى توختىتىش مۇساپىسىنى تېزلىتىش قارار قىلىندى.
تىرامپ 7-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇنداق دېدى: مەن بۇندىن بۇرۇن رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن بېكىتىلگەن 50 كۈنلۈك مۆھلەتنى قىسقارتىمەن، ئامېرىكا شۇ كۈنى كەچتە ياكى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاخىرقى مۆھلەتنى بېكىتىدۇ.
رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مېدۋېدېۋ ئارقىدىن تىرامپنىڭ يۇقىرىقى سۆزىگە قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: مەيلى 50 كۈن ياكى 10 كۈن بولسۇن، ھەر قېتىملىق يېڭى «ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتوم» ئۇرۇشقا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت









