ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يېڭى سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلدى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىرلىكتە جاكارلىدى. تىرامپ ۋوندېرلېيىن بىلەن بىرەسمىي ئۇچراشقاندىن كېيىن، يېڭى كېلىشىمنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلاردىن %15 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىغا 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ 750 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئېنېرگىيەسىنى سېتىۋالىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ياۋروپا پارلامېنتى خەلقئارا سودا كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېئىند لانگې 7-ئاينىڭ 27-كۈنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: بۇ كېلىشىم ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالىدىغان سودا ھەمكارلىقى بولماستىن بەلكى ئۆز ئالدىغا يول قويۇش بولدى. گەرچە %15 لىك بىر تۇتاش باج نىسبىتى مەلۇم دەرىجىدە سودا مۇناسىۋىتىدىكى ئالدىن كۆرەرلىك ۋە قانۇن جەھەتتىكى بىخەتەرلىك كاپالىتى بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ كېلىشىم تەڭپۇڭ بولمىدى، ھەتتا ياۋروپاغا ئۇزۇن مۇددەت زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
لانگې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئامېرىكىغا نورمىدىن سىرت 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىش ۋەدىسى بەردى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تېخنىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە سېتىۋالدى، بۇ ياۋروپانىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كەسىپ تەرەققىياتىغا پايدىسىز.
تەرجىمان: قۇرباننىسا جاپپار
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









