بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگىنى غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەرىكىتى يەنىلا ئېغىر توسالغۇغا دۇچ كەلمەكتە دەپ قارىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-08-01 14:04
غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكەن 24 سائەتلىك غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 101 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، 625 كىشى يارىلاندى. ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە، 81 ئادەم ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىش جەريانىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى، 666 ئادەم يارىلاندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش نازارىتى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: غەززە رايونىدىكى دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا، بۇ ئاھالىلەر بىناسىغا قارىتىلغان نۇرغۇن قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بىرقانچە كىشى قازا قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن كىشىلەر يېمەكلىك ۋە باشقا لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىش جەريانىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى، يارىلاندى، ئاچارچىلىق كۈنسېرى ئېغىرلاشتى. گەرچە ئىسرائىلىيە ب د ت ۋە ئۇنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئاپتوموبىل ئەترىتى لىنىيەسىنى بىخەتەرلىك لىنىيەسى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر ب د ت ئەترىتى كېرىم شالومدىن ئۆتىدىغان پەقەت بىرلا لىنىيە بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ لىنىيەدە تەكشۈرۈش پونكىتى تەسىس قىلغان بولۇپ، يۈك ئاپتوموبىللىرى يەنىلا ئۇزۇن ۋاقىت ئۆچرەت تۇرىدۇ، شوپۇر، قۇتقۇزغۇچى خادىملار يەنىلا خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ.
خاماس سەئۇدى ئەرەبىستانى، فىرانسىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ خاماسنى قورالسىزلاندۇرۇپ، غەززەدە ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك ئىدارە قىلىش ۋە بىخەتەرلىك مېخانىزمى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىغا قارىتا، 7-ئاينىڭ 31-بايانات ئېلان قىلىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، يېرۇسالېمنى پايتەخت قىلغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلمىغىچە توختىمايدۇ، دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، ۋەزىيەت جىددىي بولغانلىقتىن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى شۇ جايدىن چېكىنىش ھەمدە ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كېلىش ھەققىدە يوليورۇق تاپشۇرۇۋالغان. ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئىسرائىلىيەلىكلەرگە ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى، «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكىتى يېقىندا كۈچىيىۋاتىدۇ، بۇ ئىسرائىلىيەگە پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋادېفۇل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنداق دېدى: غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، بەزى دۆلەتلەر پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئويلاشتى، ئىسرائىلىيە پەلەستىن مەسىلىسىدە «بارغانسېرى ئاز سانلىققا چۈشۈپ قالدى»، دىپلوماتىيە جەھەتتە بارغانسېرى يېتىم قالدى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل









