ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-پەسىلدە جۇڭگو ئاسىيا مۇلازىمەت سودىسىنىڭ كۈچلۈك ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان

مەنبەسى:     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-08-02 11:16
7-ئاينىڭ 31-كۈنى دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاسىيانىڭ 2025-يىلى 1-پەسىلدە مۇلازىمەت سودىسى ئېكسپورتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگونىڭ كۆپ تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان. دۇنيا تىرانسپورت مۇلازىمىتى ئېكسپورتى جەھەتتە، جۇڭگونىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن  %31 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىك كىرىمى جەھەتتە، جۇڭگونىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن  %96 ئاشقان. ئوخشاش مەزگىلدە، دۇنيا مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ %5 كە چۈشكەن، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ مۇلازىمەت سودىسى ئېكسپورتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاران %3 ئاشقان. 
بۇنىڭدىن باشقا يەنە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، ئاسىيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ مۇلازىمەت سودىسى ئېكسپورتىنىڭ ئېشىشى ياۋروپا، ئامېرىكا رايونلىرىنىڭكىدىن ياخشى بولۇپ، ئىككى خانىلىق سانغا يەتكەن. ئالاقىدار مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ %13، ھىندىستاننىڭ %12، ياپونىيەنىڭ %11 ئاشقان.
 
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت 
 
中央广播电视总台 央广网 版权所有