ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە: رۇسىيە زۇڭتۇڭى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-08-05 16:52

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلغان جەڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان «خەنجەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يىراق مۇساپىلىك ھۇجۇم قىلىش تىپىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئۇكرائىنا ھەربىي ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە توپ زەربە بەردى. ئۆتكەن بىر كۈندە رۇسىيە ئارمىيەسى سۇمېي، خاركوف، دونېتسك قاتارلىق جايلاردا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە زەربە بەردى.
ئۇكرائىنا 8-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى سەھەردە رۇسىيە ئارمىيەسى كونتروللۇقىدىكى قىرىمدىكى ساكى ھەربىي ئايرودۇرۇمىدا ئالاھىدە ئۇرۇش قىلدۇق، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى رۇسىيەنىڭ سوچى ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى شىمالىي سىلوبورانسكى ۋە كۇرسك تەرەپتە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف 8-ئاينىڭ 4-كۈنى: مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قاتلىمىدىكى تەييارلىق خىزمەتلەر ئاخىرلاشقاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارمايدۇ، دېدى. ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شمېگار 8-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى «ئۇكرائىنانىڭ ئالدىن ئېھتىياج تىزىملىكى» بويىچە ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى رەسمىي يولغا قويدى، بۇ مېخانىزم ئامېرىكىدا ياسالغان قوراللار بىلەن تېز تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پۇل ئىئانە قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكىدا ياسالغان قوراللارنى سېتىۋېلىشقا ياردەم بەرسە ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارقىلىق ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشنى ماسلاشتۇرسا بولىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە: رۇسىيە زۇڭتۇڭى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدۇ

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلغان جەڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان «خەنجەر» ناملىق