ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى بىلدۈردى
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى قانداق قىلىپ تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم قارالما بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ يەنە ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە قوللانغان بىرلەشمە جازالاش تەدبىرى ھەمدە گوللاندىيە، شۋېتسىيە، نورۋېگىيە ۋە دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىپ ئۇكرائىنانىڭ ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغلىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن









