ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىسكىلاتىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى ئۇكرائىنا نۇرغۇن جايدا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-08-08 14:38
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى شۇ كۈنى نۇرغۇن جايلاردا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 82 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى توستى. رۇسىيە ئارمىيەسى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى يەنە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ تانكا، بىرونېۋىك قاتارلىق جابدۇقلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ يىراق مۇساپىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىسكىلاتى قاتارلىق نىشانلىرىغا زەربە بەردى.
ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى كۇپىيانسك، پوكروۋسك قاتارلىق تەرەپلەردىن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ زەمبىرەك ۋە كۆپ ئىستۋوللۇق كاتيۇشا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى قاتارلىقلارغا زەربە بەردى، دېدى.
بۇنىڭدىن باشقا، زاپوروژى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى شۇ كۈنى زاپوروژى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۇرۇشلۇق رايوننى توپقا تۇتتى، ھۇجۇمدا ئۆلۈم-يېتىم ۋە يادرو ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، دېدى. ئۇكرائىنا بۇنىڭغا تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل
 
中央广播电视总台 央广网 版权所有