ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى: غەززە شەھىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-08-11 16:41

ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كابىنېتى «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى غەززە شەھىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش» پىلانىنى تەستىقلىغانلىقتىن، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى توغرىسىدا جىددىي ئوچۇق يىغىن ئاچتى.
جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى بويىچە جىددىي ئوچۇق يىغىنىدا سۆز قىلىپ: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئىگىلىۋېلىش غەرىزىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش؛ قورال كۈچىنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىدىغان خىيالدىن ۋاز كېچىش؛ غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى چوقۇم پەسەيتىش؛ «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» نىڭ ئىستىقبالىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش كېرەك، جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن داۋاملىق تەڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، غەززەدىكى ئۇرۇش ئوتىنى تىنچىتىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى پەسەيتىش، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاخىرىدا پەلەستىن مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاققىچە ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.
ئەنگلىيە، دانىيە، فىرانسىيە، گىرېتسىيە ۋە سىلوۋېنىيە 8-ئاينىڭ 10-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە غەززە ۋەزىيىتى توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتنى يەنىمۇ كېڭەيتىش قارارىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قارارنى دەرھال قايتۇرۇۋېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. باياناتتا: ھەرقانداق يۇتۇۋېلىش ياكى ئولتۇراق نۇقتىسىنى كېڭەيتىش قىلمىشى قانۇنسىز، دەپ تەكىتلەندى.
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق ھەربىي ھەرىكىتىدە خاماس يەنىلا كونترول قىلىۋاتقان ئىككى ئورۇنغا نۇقتىلىق زەربە بېرىلىدۇ، دېدى ھەمدە ئىسرائىلىيە تەسەۋۋۇر قىلغان غەززەنىڭ كەلگۈسى باشقۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. خاماس شۇ كۈنى نىتانىياخۇنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ سۆزلىرى ئالدامچىلىققا تولغان، بۇنىڭدىن مەقسەت ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدە يولغا قويغان ئاچارچىلىق سىياسىتى ۋە ئىرقىي يوقىتىش جىنايىتىنى يوشۇرۇش، دېدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن




中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى: غەززە شەھىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كابىنېتى «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى غەززە شەھىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش» پىلانىنى تەستىقلىغانلىقتىن، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى