رۇسىيە زۇڭتۇڭى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى، ياۋروپا رەھبەرلىرى تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا-ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 8-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە موسكۋادا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە-ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا ئىشتاتىدىكى ئۇچرىشىشى سەمىمىي، مەزمۇنى مول بولدى، رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇش مەيدانىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، رۇسىيەمۇ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلىشىپ، پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى. زېلېنسكىي مۇنداق دېدى: مەن تەكلىپكە بىنائەن 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاشىنگتوندا ترامپ بىلەن ئۇچرىشىپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇشتىكى «بارلىق تەپسىلاتلار»نى مۇزاكىرە قىلىمەن. ياۋرۇپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، روسىيە-ئامېرىكا-ئوكرائىنا ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى كوستا، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، ئىتالىيە زۇڭلىسى مېلونى، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېرتس، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى ستامېر، فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى سىتۇب ۋە پولشا زۇڭلىسى تۇسىك بىرلىكتە ئېلان قىلغان بۇ بىرلەشمە باياناتتا: ياۋروپا تەرەپمۇ ترامپ ۋە زېلېنسكىي بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا قوللايدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا-ئامېرىكا ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، دېيىلدى.
باياناتتا: ئوكرائىنا قوراللىق قىسمى ۋە ئۇنىڭ ئۈچىنچى دۆلەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا چەك قويماسلىق كېرەك. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنى ئىنكار قىلىش ھوقۇقى يوق. ئۇكرائىنا چوقۇم مۇستەھكەم خەۋپسىزلىك كاپالىتىگە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئۈنۈملۈك قوغدىيالايدۇ، دېيىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئۇكرائىنانىڭ زېمىن مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار ئۇكرائىناغا باغلىق، خەلقئارا چېگرانى قورال كۈچى بىلەن ئۆزگەرتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. ياۋروپا ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدۇ، ئۇكرائىنانىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا بەل باغلايدۇ. رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى داۋاملاشسىلا، ياۋروپا رۇسىيەگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدۇ ھەمدە يەنىمۇ جازالاش ۋە تېخىمۇ كەڭ ئىقتىسادىي تەدبىرلەر ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىغا زەربە بېرىدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









