ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى غەززە شەھىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش پىلانىنى تەستىقلىدى ھەمدە سۆھبەتنى قايتا باشلاشنى تەلەپ قىلدى، تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ئالاقىدار پاراخوتلىرىغا ئومۇميۈزلۈك چەكلەش تەدبىرىنى يولغا قويدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-08-23 09:47
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ  8-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋىدىيولۇق بايانات ئېلان قىلىپ، غەززە شەھىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش بىلەن بىرگە خاماسنى مەغلۇپ قىلىش ھەربىي پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېيتتى. نىتانىياخۇ يەنە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەمدە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، خاماس بىلەن بولغان سۆھبەتنى دەرھال قايتا باشلاش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەربىي ھەرىكەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، غەززەنىڭ شىمالىدىكى داۋالاش خادىملىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە سۆھبەتلىشىپ، بىمارلار ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى غەززەنىڭ جەنۇبىغا يۆتكەشنى تەلەپ قىلدۇق.
غەززەدىكى سەھىيە تارماقلىرى شۇ كۈنى كەچتە بۇ تەلەپكە قارشى چىقىپ، بۇ شۇ جاينىڭ سەھىيە سىستېمىسىنى بۇزۇپلا قالماي يەنە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى داۋالىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ ھەمدە ئاھالىلەر، بىمارلار ۋە يارىدارلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ، دېدى.
ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ  8-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىگىلىشىچە، تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېڭىز تىرانسپورتىغا ئومۇميۈزلۈك چەك قويغان. ئەڭ يېڭى سىياسەتكە ئاساسەن، ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئاسقان ياكى ئىسرائىلىيە كارخانىلىرى ئىگىدارچىلىقىدىكى پاراخوتلارنىڭ تۈركىيە پورتىغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ، ئۇندىن باشقا، تۈركىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئاسقان پاراخوتلارنىڭمۇ ئىسرائىلىيەگە بېرىشى چەكلەندى. بۇ چەكلىمە يەنە ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تەدبىر تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە قاتلىمىدا ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىپادىسى دەپ قارالدى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل
 
中央广播电视总台 央广网 版权所有