ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا سودا كېلىشىمى توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى، ھالقىلىق دەۋا تەلىپىدە بۆسۈش بولمىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-08-23 09:50
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا 8-ئاينىڭ 21-كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ 7-ئايدا ھاسىل قىلغان يېڭى سودا كېلىشىمىنىڭ كونكرېت تەپسىلاتىنى ئېلان قىلدى.
بىرلەشمە باياناتقا ئاساسەن، ئامېرىكا ئاپتوموبىل، دورا، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ياغاچ ماتېرىياللىرى قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلغان كۆپ ساندىكى تاۋارلاردىن %15 تاموژنا بېجى ئالىدۇ. كەم ئۇچرايدىغان تەبىئىي بايلىقلار، ئايروپىلان ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرى، تەقلىدىي دورا قاتارلىقلاردىن باج كەچۈرۈم قىلىندى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ھەمدە ئامېرىكىنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئېتىبارلىق بازار ئىجازىتى بېرىشكە ۋەدە بەردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە 2028-يىلىدىن بۇرۇن ئامېرىكىدىن 750 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز، نېفىت ۋە يادرو ئېنېرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى، يەنە 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكى سېتىۋېلىشنى پىلانلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي سانائەت ۋە مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىشنى پىلانلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كارخانىلىرى يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلىرىگە يېڭىدىن 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈزۈم ھارىقى، يۇقىرى گىرادۇسلۇق ھاراق قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن بىر قەدەر مۇھىم بولغان مەنپەئەت ساھەلىرى كېلىشىم بويىچە باجنى تۆۋەنلىتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىدى، كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپ داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل









