رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى: رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئىككى دۆلەت زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلمىدى، دېدى، ئۇكرائىنا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 4 مىليارد 50 مىليون ياۋرو ياردىمىگە ئېرىشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-08-23 10:08
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 8-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي بىلەن ئۇچرىشىشى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلمىدى، لېكىن پۇتىن ئۇچرىشىش كۈنتەرتىپى بېكىتىلگەندىن كېيىن زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زېلېنسكىي يېقىندا ۋاشىنگتوندا تىرامپ بىلەن ئۇچراشقاندا، تىرامپ ئوتتۇرىغا قويغان ھەل قىلىش لايىھەسىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولماسلىق ۋە زېمىن مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىرىنسىپلارنى رەت قىلدى.
پۇتىن 8-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە ساروفتا يادرو فىزىكا ئالىملىرى ۋە يادرو سانائىتى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە يادرو ساھەسىدە غەرب ئەللىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلىنىشتىن بۇرۇنقى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش كۆلەمدە» يېقىلغۇ ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. پۇتىن رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: ترامپ بىلەن ئالياسكىدىكى ئۇچرىشىش ئىنتايىن سەمىمىي بولدى، «بۇ رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىنىڭ باشلىنىشى». پۇتىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ۋاشىنگتوننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىغا باغلىق، موسكۋا ۋاشىنگتون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
زېلېنسكىي 8-ئاينىڭ 22-كۈنى كىيېۋدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى «ھەقىقىي ئۈنۈملۈك» بولۇش كېرەك، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز ئۈستى بىخەتەرلىك كاپالىتى جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۈشى ھەمدە ئۇكرائىنانى ھەربىي خىراجەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، بۇ يىل ئۇكرائىنانىڭ قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىش مەبلىغىدە ئالتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى يوچۇق بار.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى شۇ كۈنى ئۇكرائىناغا تۆت مىليارد 50 مىليون ياۋرو چىقىم قىلغانلىقىنى، بۇ ئۇكرائىنانىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئارقىلىق تەمىنلىگەن ئۈچ مىليارد 50 مىليون ياۋرو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە ماكرولۇق پۇل مۇئامىلە ياردىمى ئارقىلىق تەمىنلىگەن بىر مىليارد ياۋرونى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل









