ياۋروپادىكى سەككىز دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى تەھدىتىگە «ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ماسلىشىپ» تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
دانىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە ۋە ئەنگىلىيە 1-ئاينىڭ 18-كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش تەھدىتى ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ ھەم خەتەرلىك يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، سەككىز دۆلەت بۇنىڭغا «ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ماسلىشىپ» تاقابىل تۇرۇپ، ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا بەل باغلىدى، دېدى.
دانىيەنىڭ باش ۋەزىرى فرېدېرىكسېن شۇ كۈنى ياۋروپا «قاقتى-سوقتى قىلىشقا ئۇچرىمايدۇ»، دانىيە كەڭ قوللاشقا ئېرىشتى شۇنداقلا توقۇنۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ دېدى.
ئەنگىلىيە ئەمەلدارى شۇ كۈنى گرېنلاند ئارىلىنىڭ كەلگۈسىنى گرېنلاند ئارىلى خەلقى بىلەن دانىيە خەلقى قارار قىلىشى كېرەك، ئەنگىلىيە بۇ مەيدانى جەھەتتە مۇرەسسە قىلمايدۇ، دېدى.
فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون شۇ كۈنى زۆرۈر تېپىلغاندا فىرانسىيەگە ۋاكالىتەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرلاشقا قارشى تۇرۇش قورالىنى ئىشقا سېلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، فىرانسىيەنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجى تەھدىتىگە قارىتا چىقارغان تۇنجى ھۆكۈمەت تەرەپ ئىنكاسى.
كانادانىڭ ئىككى ئالىي ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ گرېنلاند ئارىلىنى سېتىۋېلىش تەھدىتى ئالدىدا، كانادا كىچىك كۆلەمدىكى بىر قىسىمنى گرېنلاند ئارىلىغا ئەۋەتىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى، بىز بۇ پىلاننى كانادا زۇڭلىسى كارنېينىڭ تەستىقلىشىنى كۈتمەكتىمىز.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









