دانىيە گرېنلاند ئارىلىنى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىگە قارىتا ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمايمىز دېدى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 1-ئاينىڭ 21-كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوستا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ياۋروپانىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى توغرا ئەمەس دېدى ھەم ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا داۋاملىق قاتتىق بېسىم ئىشلەتتى، ئۇ گرېنلاند ئارىلىنى قورال كۈچى بىلەن تارتىۋالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ بۇ ئارالنى «سېتىۋېلىشى» توغرىسىدا «دەرھال» سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دانىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى راسمۇسىن شۇ كۈنى سۆز قىلىپ، دانىيە گرېنلاند ئارىلىنى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىگە قارىتا ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمايدۇ دېدى. گرېنلاند ئارىلى ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى قوللانما ئېلان قىلىپ، يەرلىك ئاھالىلەرگە بەش كۈنلۈك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەييارلاش تەكلىپىنى بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈنىگە ئۈچ لىتىر ئىچىملىك سۈيى، بەش كۈنگە يېتىدىغان يېمەكلىك زاپىسى ۋە تازىلىق قەغىزى بولۇش قاتارلىقلار بار.
ياۋروپا پارلامېنتى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق دىپلوماتىيە، خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە سىياسىتى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتىنى ماقۇللاپ، ئامېرىكىنىڭ گرېنلاند ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئاشكارا تەھدىت سېلىشى ھەم ئالاقىدار چەتئەللەرگە ئارىلىشىش قىلمىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى، ئاتلانتىك ئوكيان ئىتتىپاقى ۋە قائىدە ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپكە «زور تەھدىت» پەيدا قىلدى، دېدى.
ياۋروپا پارلامېنتى خەلقئارا سودا كومىتېتىنىڭ رەئىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتى گرېنلاند ۋە دانىيەگە قارىتىلغان تەھدىتنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەم ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا «ھەمكارلىق يولىغا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر»، ياۋروپا-ئامېرىكا سودا كېلىشىمىگە ئالاقىدار ئىككى تۈرلۈك قانۇن چىقىرىش تەكلىپ لايىھەسىنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ دېدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا جىددىي باشلىقلار يىغىنى ئېچىپ، ئامېرىكىنىڭ «ئارالنى تارتىۋېلىش» تەھدىتىنى مۇزاكىرە قىلىشنى بېكىتتى. بېلگىيەنىڭ باش ۋەزىرى دېۋېۋېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا تاللاش چىقىرىش پەيتىدە تۇرماقتا، بىز ئامېرىكىغا تايىنىدىغان بولغاچقا، ئىلگىرى ئامېرىكىغا كەڭ قورساق بولغان، لېكىن ھازىر ئامېرىكا قىزىل سىزىقتىن بەك كۆپ ھالقىپ كەتتى. بىز دۇچ كەلگەن تاللاش ئىززەت-ھۆرمىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك، خۇشاللىقنىڭ بېقىندىسى بولۇش بىر ئىش، بۇ، ئېچىنىشلىق قۇل بولۇش بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









