ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ياپونىيەنىڭ «خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش»نى تەلەپ قىلىش سالاھىيىتى يوق

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-01-22 15:58

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى سۈن لېي شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ياپونىيەدىن ئىبارەت تارىخىي جىنايىتىگە توۋا قىلىشنى بىلمەيدىغان، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا خىلاپلىق قىلغان، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىسىگە خىرىس قىلغان، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى ئاشكارا دەپسەندە قىلغان دۆلەت خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇشنى تەلەپ قىلىش سالاھىيىتى يوق.
ياپونىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاۋام پالاتاسى سايلىمىغا قاتنىشىش ۋەدىسىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە «خەۋپسىزلىك كاپالىتى ئۈچ ھۆججىتى» گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، قورال ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بوشىتىش، ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق مەزمۇنلار بار.
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى «خەۋپسىزلىك كاپالىتى ئۈچ ھۆججىتى»گە تۈزىتىش كىرگۈزگەندە، «يادروسىز ئۈچ پىرىنسىپ»تىكى يادرو قوراللىرىنى كىرگۈزمەسلىك پىرىنسىپىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇپ، ياپونىيەدىكى ھەر ساھەنى كۈچلۈك ئەندىشىگە سالغان. ياپونىيە ناگاساكى شەھەرلىك پارلامېنت ۋە خىروشىما شەھەرلىك پارلامېنت ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇشۇ ئاينىڭ 8-ۋە 9-كۈنلىرى پىكىرنامە ماقۇللاپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن «يادروسىز ئۈچ پىرىنسىپ»تا چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى ساياھەت ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايدا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن ياپونىيەگە زىيارەتكە بارغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 330 مىڭ 400 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.3 تۆۋەنلىگەن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ياپونىيەنىڭ «خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش»نى تەلەپ قىلىش سالاھىيىتى يوق

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى سۈن لېي شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ياپونىيەدىن ئىبارەت تارىخىي جىنايىتىگە توۋا قىلىشنى بىلمەيدىغان،