رۇسىيە، ئامېرىكا، ئۇكرائىنانىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۈچ تەرەپلىك سۆھبىتى ئاياغلاشتى، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ھەربىي ئىشلار قارالمىسىدا ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، زېمىن مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمىدى
رۇسىيە، ئامېرىكا، ئوكرائىنا ئۈچ دۆلەت ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن خەۋپسىزلىك مەسىلىسى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۈچ تەرەپلىك سۆھبىتى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاياغلاشتى. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى شۇ كۈنى سۆھبەتتە سۆزلىشىش مەزمۇنى كەڭ، مۇزاكىرە جەريانى ئىجابىي بولدى، دېدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش شەرتىگە مەركەزلەشتى. سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆزلىرىنىڭ سۆھبەتكە چېتىلىدىغان ھەرقايسى تەرەپلەرنى دوكلات قىلىش ھەمدە ئۆز دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كېيىنكى قەدەمدىكى باسقۇچلارنى ماسلاشتۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ھەربىي ئىشلار مەسىلىسىدە بەلگىلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن زېمىن مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەتنىڭ مەيدان ئىختىلاپى يەنىلا روشەن بولدى. ئۇكرائىنا زېمىن مەسىلىسىنى نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشنى ئاساس قىلىپ مۇزاكىرە قىلىشتا چىڭ تۇردى؛ رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ دونېتسك رايونىدىكى ئىشغال قىلىنمىغان رايونلاردىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى داۋاملىق تەشەببۇس قىلدى.
خەۋەردار زات: بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەت ئېنېرگىيەدە ئۇرۇش توختىتىش قارالمىسىغا چېتىلمايدۇ، دېدى. ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارلىشىچە، كېيىنكى نۆۋەتلىك روسىيە، ئامېرىكا، ئۇكرائىنا ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەبۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









