ياپونىيە ئەلئىچى تەشكىلاتلىرى تاكائىچى سائائېنىڭ خاتا سۆزلىرىگە داۋاملىق قارشى تۇردى، خەلقئارادىكى ئەربابلار ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك، دېدى
ياپونىيەدىكى ئەلئىچى تەشكىلاتلار 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئوساكادا ئۆگىنىش يىغىنى ئاچتى، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى تاكائىچى سانائېنىڭ تەيۋەنگە چېتىشلىق خاتا سۆزلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، بۇ ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، چوقۇم قايتۇرۇۋېلىش كېرەك، دېدى.
ئۆگىنىشكە قاتناشقۇچىلار مۇنداق دېدى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئىزچىل ئېتىراپ قىلىپ كەلدى، ئەمما تاكائىچى سانائې ئاتالمىش «تەيۋەنگە بىرەر ئىش بولسا» ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتى ئەۋەتىمىز، دېدى، بۇ مەيلى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىدىن بولسۇن، ياكى ياپونىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ بىر ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە.
ئۆگىنىش يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار يەنە تاكائىچى سانائېنىڭ ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىشىدىن نارازى بولدى.
ئۆگىنىش يىغىنىغا قاتناشقۇچى مۇنداق دېدى: ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىش ئەسلىدە پارلامېنتتا تولۇق مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئاندىن قوللىنىشقا بولىدىغان ئۇسۇل. مەن مۇشۇنداق بولسا ئاندىن نورمال بولىدۇ، دەپ قارايمەن. پارلامېنت قەرەللىك يىغىنى ئېچىلغان كۈنىلا ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىش ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس.
خەلقئارادىكى ئەربابلار مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى تاكائىچى سانائېنىڭ خاتا سۆزلىرى رايون مۇقىملىقىغا تەھدىت سالدى، ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى پىنو ئاراكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېنىڭچە ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك، ياپونىيە ئىلگىرى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ، قىرغىنچىلىق قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن، مىلىتارىزمنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە يول قويماسلىق كېرەك، ياپونىيە چوقۇم تىنچ دۆلەت يولىغا قايتىپ كېلىشى كېرەك.
كونگو (كېنىشاسا) ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باياناتچىسى ئاتىبو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرىنىڭ ماھىيىتى كېڭەيمىچىلىك ۋە مىلىتارىزمنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، بۇنداق ئۇرۇنۇش ياپونىيەنىڭ ئۆزىگە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









