ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كورېيە: ئامېرىكىنىڭ كورېيەگە قاراتقان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش مۇددىئاسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاقابىل تۇرىمىز

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-01-29 15:31

كورېيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۇجېن 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ كورېيەنىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرمەكچى بولغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ: كورېيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ھەقىقىي مۇددىئاسىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاقابىل تۇرىدۇ، دېدى.
كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئەھۋالى توغرىسىدا يىغىن ئاچقان، جياڭ يۇجېن يىغىندا يازما سۆز قىلىپ: ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشى بىر قاتار مەمۇرىي تەرتىپلەر تاماملانغاندىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ترامپنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا قىلغان سۆزى تاموژنا بېجى ئۆزگىرىشىنى دەرھال پەيدا قىلمايدۇ، دېگەن.
كورېيە دائىرىلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ «كورېيە پارلامېنتى ئامېرىكا-كورېيە سودا كېلىشىمىنى يەنىلا تەستىقلىمىدى» دېگىنى ئەمەلىيەتتە پارلامېنتنىڭ «ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىش ئالاھىدە قانۇن لايىھەسى»نى تەكشۈرۈشنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا شۇ كۈندىكى يىغىندا بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تاموژنا بېجى سۆھبىتىنىڭ كېيىنكى تەدبىرى بولۇش سۈپىتىدىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئەھۋالى تەكشۈرۈلدى.
زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان كورېيەنىڭ سانائەت-سودا مىنىستىرى كىم جۇڭگۈەن زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرى لۇتنىك بىلەن كېڭىشىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، سانائەت-سودا مىنىستىرلىقى سودا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لۈ خەنجيۇمۇ تېزدىن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ سودا ۋەكىلى گىرىل بىلەن كېڭىشىدىكەن.
ترامپ 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا يازما ئېلان قىلىپ، كورېيە پارلامېنتى ئامېرىكا-كورېيە سودا كېلىشىمىنى تېخى تەستىقلىمىدى، دېگەننى باھانە قىلىپ، كورېيەدىن ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل، ياغاچ ماتېرىياللىرى، دورا تاموژنا بېجى ۋە باشقا ئاتالمىش «باراۋەر تاموژنا بېجى»نىڭ باج نىسبىتىنى %15 تىن %25 كە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا بىلەن كورېيە 2025-يىلى 7-ئايدا ھاسىل قىلغان سودا كېلىشىمى رامكىسى كورېيەدە گۇمان ۋە قارشىلىقنى قوزغىدى، كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا كونكرېت ئىجرا قىلىش لايىھەسى ھەققىدە بىر مەھەل ئىختىلاپ تۇغۇلدى. ئامېرىكىنىڭ كېلىشىم رامكىسى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسەن، كورېيەنىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىغا %15 تاموژنا بېجى نىسبىتى تەتبىقلىنىدۇ، ئامېرىكىنىڭ كورېيەگە ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كورېيە ئامېرىكىغا 350 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، ئامېرىكىدىن 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ياكى باشقا ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدۇ، يەنە ئامېرىكىغا سودىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىدۇ.
كورېيە زۇڭتۇڭى لى جېميۇڭ 2025-يىلى 11-ئايدا: كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ تاموژنا بېجى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ھەققىدىكى كېڭىشىش نەتىجىسى ھۆججىتى بولغان «بىرلەشمە پاكىت تىزىملىكى»نى تۈزۈپ چىقتى، دەپ جاكارلىدى. 2025-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، كورېيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئورتاق دېموكراتىك پارتىيەسى پارلامېنتقا «ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىش ئالاھىدە قانۇن لايىھەسى»نى تاپشۇردى. 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا كورېيەدىن ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى %15كە چۈشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كورېيە: ئامېرىكىنىڭ كورېيەگە قاراتقان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش مۇددىئاسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاقابىل تۇرىمىز

كورىيە: ئامېرىكىنىڭ كورىيەگە قاراتقان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش مۇددىئاسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاقابىل تۇرىمىز