ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە، ئامېرىكا، ئۇكرائىنانىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-02-05 15:03

باش ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىگىلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەبۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنا ئۈچ تەرەپ سۆھبىتىنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى سۆھبىتى ئاياغلاشقان. سۆھبەت 2-ئاينىڭ 5-كۈنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلغان.
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوف 2-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە 2-نۆۋەتلىك رۇسىيە، ئامېرىكا، ئۇكرائىنانىڭ ئەبۇزەبى سۆھبىتى مۇساپىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىشنى ئويلاشمايدۇ. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەيدانى كىيېۋ بىلەن ۋاشىنگتونغا ئېنىق. پېسكوف مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى تىنچ ھەل قىلىش دەرۋازىسى يەنىلا ئوچۇق، لېكىن كىيېۋ تەرەپ تېخى مۇناسىپ قارار چىقارمىغاچقا، رۇسىيە ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدۇ.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلنسكى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى: سۆھبەت ئۆمىكى بىلەن شۇ كۈندىكى سۆھبەتنىڭ باسقۇچلۇق نەتىجىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، ئەسىرلەرنىڭ تېزدىن ئالماشتۇرۇلۇش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ مەيدانى ئىنتايىن ئېنىق، بۇ توقۇنۇشنى چوقۇم ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك. ئۇكرائىنانىڭ ھەمكارلىق ھەمراھلىرى ھەقىقىي خەۋپسىزلىك كاپالىتى ۋە رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رۇبىئو 2-ئاينىڭ 4-كۈنى: ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىدە بەلگىلىك ئىلگىرىلەش بولدى، لېكىن قالغان قارالمىلارمۇ «ئەڭ قىيىن مەسىلە»، قىسقا مۇددەت ئىچىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش تەس، دېدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە، ئامېرىكا، ئۇكرائىنانىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئۆتكۈزۈلدى

باش ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىگىلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەبۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنا ئۈچ