ياپونىيە ئاممىسى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ تاكائىچى سانائېنىڭ خاتا سۆزلىرىنى تەنقىدلىدى
ياپونىيە ئاممىسى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى توكيونىڭ شىنجۇكۇكۇدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى تاكائىچى سانائېنىڭ خاتا سۆزلىرىنى تەنقىدلەپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش قىلمىشىغا قارشى تۇردى.
يىغىلىشقا قاتناشقانلار: ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئويلىنىپ قالدۇقكى، نېمە ئۈچۈن ھازىرقى باش ۋەزىر تاكائىچى سانائې مۇنداق خاتا سۆزلەرنى قىلىدۇ، تاكائىچى سانائېنىڭ خاتا سۆزلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشىنى ياكى ئىستېپا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
يىغىلىشقا قاتناشقانلار: ياپونىيەنىڭ ھەربىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىشى ناھايىتى خەتەرلىك، ئۇرۇش ئاياغلاشقىلى نەچچە ئون يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرىكى ئۇرۇش ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش ۋە ھېساب بېرىش ھازىرغىچە تېخى تاماملانمىدى، دېدى.
يىغىلىشقا قاتناشقانلار: ياپونىيەدە تاكائىچى سانائېدىن غەزەپلىنىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، ئەگەر خەلق تۇرمۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويماقچى بولسا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيەنى ياخشى قىلىپ، ئۇرۇش قوزغىمايدىغانلىقىنى، تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىغا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈشى كېرەك، مانا بۇ ئەڭ مۇھىم، دېدى.
ياپونىيەنىڭ خىروشىما، ناگاساكىدا ئاتوم بومبىسى پارتىلىغاندا ھايات قالغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن تەشكىللەنگەن شەھەر ئاھالىلىرى تەشكىلاتى 2-ئاينىڭ 7 -كۈنى ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ، ئالاقىدار قارار ماقۇللاپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن «يادرو قوراللىرىنى چەكلەش شەرتنامىسى» غا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياپونىيە تاكائىچى سانائې ھاكىمىيىتىنىڭ «يادروسىز ئۈچ پىرىنسىپ»قا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









