ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى نۇرغۇن جايللىرىغا داۋاملىق تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى، سەككىز دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قانۇنسىز كېڭەيمىچىلىك قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى
ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىگىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى نۇرغۇن جايلارغا داۋاملىق تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋە چېقىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇرغان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەچچە پەلەستىنلىكنى مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرغان.
شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەردە ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى بىلەن ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى نۇرغۇن جايلاردا بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقى، ھەرىكەتتە 20 دىن ئارتۇق قوراللىق خادىمنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 2-ئاينىڭ 9-كۈنى باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشى «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» نىڭ ئىستىقبالىنى چىرىتىۋاتىدۇ، دېدى.
مىسىر، ئىيوردانىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ھىندونېزىيە، پاكىستان، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە قاتاردىن ئىبارەت سەككىز دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا قاراتقان قانۇنسىز كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنى پەلەستىن ئىشغالىيەت زېمىنىدىكى خەتەرلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا مەجبۇرلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
پەلەستىننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ھۈسەيىن شەيخ 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاخبارات باياناتىدا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى چىقارغان «خەتەرلىك قارار» نى مۇزاكىرە قىلىشقا دەۋەت قىلدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل









