ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىران ئەگەر بارلىق جازا بىكار قىلىنسا ئىران قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننى سۇيۇلدۇرىدۇ، دېدى، ئامېرىكا ئۆز دۆلىتىنىڭ سودا پاراخوتلىرىنى ئىران دېڭىز تەۋەلىكىدىن يىراق تۇرۇش تەكلىپىنى بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-02-10 16:00

ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ئاتوم ئېنىرگىيەسى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئىسلام شۇ كۈنى ئىرانغا قارىتىلغان بارلىق جازا بىكار قىلىنسا، ئىران قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننى سۇيۇلدۇرىدۇ، دېگەن.
ئىسلام يەنە مۇنداق دېدى: خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈش خادىملىرى ئىران تەۋەسىدىكى ھۇجۇمغا ئۇچرىمىغان يادرو ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈردى، كەلگۈسى بىر قانچە كۈندە يەنە باشقا بەزى ئەسلىھەلەرنى تەكشۈرىدۇ.
ئامېرىكا  2-ئاينىڭ 9-كۈنى ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان سودا پاراخوتلىرىغا ئەڭ يېڭى كۆرسەتمىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا قاتناش مىنىستىرلىقى دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان يېتەكچى پىكىرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئورگان «ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان سودا پاراخوتلىرى ئىران دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئىمكانقەدەر يىراق تۇرۇشى ھەمدە ئىران ئارمىيەسى پاراخوتقا چىقىشنى تەلەپ قىلغاندا ئاغزاكى رەت قىلىشى، ئەگەر ئىران ئارمىيەسى پاراخوتقا چىقسا، پاراخوت خادىملىرى مەجبۇرىي قارشىلىق كۆرسەتمەسلىكى كېرەك» دەپ تەكلىپ بەرگەن.
ھورمۇز بوغۇزى ئوتتۇرا شەرقنى نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىغان ھالقىلىق سۇ يولى. رايون ۋەزىيىتى جىددىي بولغاچقا، ئىران بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم ھورمۇز بوغۇزىنى تاقايمىز دەپ تەھدىت سالغان ئىدى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى:  ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有