ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ب د ت نىڭ «چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىنىڭ مۇقەددىمىسى» ناملىق مەخسۇس پائالىيىتى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-02-17 09:00

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان «چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىنىڭ مۇقەددىمىسى-يەر شارى بويىچە چاغانلىق كېچىلىكنى كۆرۈش» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەخسۇس پائالىيىتى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلدى. كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگىنىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد، تاراتقۇ قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى دوست ئەربابلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 300 ئەزىز مېھمان پائالىيەتكە قاتناشتى.
2026-يىللىق «ئىنسانلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسى» يەر شارى AI كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتى نەق مەيداندا باشلاندى. باش تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئات يىلىدىكى چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى ۋە «كىنو بىلەن تەڭ جۇڭگونى ساياھەت قىلىش» تىن ئىبارەت ئېسىل بۆلەك پائالىيەتتە قويۇلدى ھەمدە سۈرەت ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق يىغىن مەيدانىدا تەكرار قويۇلۇپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ مول خاس مەزمۇنى ۋە كۆپ مەنبەلىك سېھرىي كۈچى جانلىق نامايەن قىلىندى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ب د ت نىڭ «چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىنىڭ مۇقەددىمىسى» ناملىق مەخسۇس پائالىيىتى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلدى

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان «چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىنىڭ مۇقەددىمىسى-يەر شارى بويىچە چاغانلىق كېچىلىكنى كۆرۈش» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەخسۇس پائالىيىتى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلدى.